ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىدۇر. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىمۇ دالادا تۇرۇۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيۈمگە قايتىپ، يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىرگە بولاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن، _ دېدى.