Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 32:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 32:23
21 Iomraidhean Croise  

سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.


ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! گۇناھ دائىم ئىشىك ئالدىدا سېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.


يەھۇدا جاۋابەن: _ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا بىزنىڭ گۇناھىمىزنى ئاشكارا قىلدى. ئەمدى بىز جاملىرىنى ئېلىۋالغان ئىنىمىز بىلەن بىرگە سىلىنىڭ قۇللىرى بولايلى! _ دېدى.


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


ئۇ قان تۆككەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى چوقۇم جازالايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن.


ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قېنىنىڭ قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي.


مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا،


يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.


ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا، پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا.


گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بالا قوغلىشار، ھەققانىيلار ياخشى ئىنئام ئالار.


چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار.


چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا.


رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.


ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە، گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا، بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز. گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز:


كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.


خۇدا بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا ئېغىر كۈنلەر ۋە دەرد-ئەلەم كەلتۈرىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


ئاندىن زابدى ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاكان تاللاندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. كارمى بولسا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا زەراخنىڭ ئوغلى ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan