12 پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»
بىردىنبىر تايانچىم بىلدىم سېنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەر مېنى.
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق
لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.
پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىمەن. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە يەرلەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشتى» دېدى.
ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى.