10 ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى:
قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»
ۋاھالەنكى، مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا ئاتا قىلماقچى بولغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىكى ئەڭ گۈزەل ماكانغا باشلاپ كىرمەسلىككە قەسەم قىلدىم.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟
شۇنداقتىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن ۋە پۈتۈن يەر-زېمىنغا تولىدىغان ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن شۇنى قەسەم قىلىمەنكى،
مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ.
جەسىتىڭلار مۇشۇ چۆلدە قالسۇن. سەپەردە ماڭا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىرىڭلار ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىسىلەر.