Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 30:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بىر قىز بالا تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا،

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 30:3
10 Iomraidhean Croise  

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.


قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈرلەرنى ئېيت ماڭا، ۋاپا قىل بەرگەن ۋەدەڭگە مەن ئۇلۇغ خۇداغا.


_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر ئادەمنى ئاتاشقا ئالاھىدە قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالغان ئادەمنىڭ ئىش قىممىتى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمىدە پۇل ھەدىيە قىلسۇن: يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئۈچۈن 600 گىرام كۈمۈش،


«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن.


ئاتىسى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.


_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئەگەر قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى مەلۇم مۇددەتكىچە مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىماقچى بولسا،


ئاياللار جامائەتچىلىك يىغىلىشلىرىدا قالايمىقان سۆزلەشمەي، شۈك ئولتۇرسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇنداق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە رىئايە قىلسۇن.


ئەمما ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، چۈنكى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم بېرىشكەنىدى. ئىسرائىل خەلقى ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ قەسەم بېرىشكەنلىكىدىن ئاغرىنىشتى.


يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى.


ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan