10 ئەگەر نىكاھلانغان ئايال ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا،
ئېرى ئاڭلاپ، ئۈندىمىسە، قارشى تۇرمىسا، ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.
«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن.
لېكىن تۇل ئايال ياكى ئەردىن ئاجراشقان ئايال قىلغان ھەرقانداق ۋەدىسى ياكى قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك.
ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، شۇنداق قىلغىن. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە، ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى.