25 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە،
لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرەتتى.
خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى.
ئىبادەت چېدىرى ۋە ئىچىدىكى نەرسىلەر مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوخشاش ياسالسۇن.
ئاندىن ئۇ پۈتۈن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى رەخت يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئۈستىنى باشقا يوپۇقلار بىلەن قاپلىدى. مۇسا بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدى.
ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى.
ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن.
ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى لائېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئىدى.
لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن.
ئۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە قاراپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گېرشون ئەۋلادلىرىغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈزنى، مىرارى ئەۋلادلىرىغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈزنى بەردى.
بۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ.
ئاركىپۇسقا شۇنى ئېيتىڭلاركى، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن.
ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن.