پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى ھېماننىڭ بۇققىيا، ماتتانيا، ئۇززىئېل، شىبۇئېل، يىرىموت، خانانيا، خانانى، ئەلىياتا، گىددالتى، رومامتى-ئەزەر، يوشبىقاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ھېمانغا شاپائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا 14 ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز پەرزەنت بەرگەنىدى.