10 سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
بىراق ئۇززانىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە تەگمەسلىك قائىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
پادىشاھ ياروبئام بۇتخانىلارنى سېلىپ، لاۋىينىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان خەلقتىن كىم كەلسە، شۇنى روھانىيلىققا تەيىنلىدى.
سۇلايمان يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلغانغا قەدەر، بۇ نەغمىچىلەر داۋۇت ياسىغان چېدىردا مۇناجات ئوقۇغاندىن سىرت، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدىمۇ ساز چېلىپ، مۇناجات ئوقۇدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى بېرىلگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە ئادا قىلىشتى.
مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە، جېنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.
ۋە باش كىيىم كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىغىن. شۇندىلا ئۇلار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنى مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاجراتقىن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە ئائىت تەلەپلىرىمنى بېجىرمەستىن، ئەكسىچە مېنىڭ ئىبادەتخانامدىكى خىزمەتلەرنى يات خەلقلەرگە بېرىۋەتتىڭلار.»
روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.
ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟
پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.
ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.
قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.
خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر ئەمدى يات ۋە ياقا يۇرتلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار.
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا لاۋىيلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانغا تەيىنلىگەندۇر.
ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز روھانىي بولمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خۇداغا ھەدىيە سۇنىدىغان روھانىيلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر.
شۇنىڭ بىلەن مىكاھنىڭ بىر بۇتخانىسى بار بولدى. مىكاھ يەنە روھانىيلىق پەرتۇقى ۋە كىچىك بۇتلارنى ياسىتىپ، ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.
پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغانىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق جازالىغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى.