Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 29:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 «7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە بۇرغا چېلىنسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 29:1
21 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئوقلىرى خۇددى چاقماقتەك ئۇچىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار بۇرغا چېلىپ، جەنۇبتىن چىققان بورانلار ئارىسىدا كېلىدۇ.


بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.


تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.


روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىللار ئالقىش ياڭرىتىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى.


يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار.


روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. كۈز پەسلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.


تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇل يىغقان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


«ئورما ھېيتى كۈنى، يەنى سىلەرنىڭ تۇنجى پىشقان ئاشلىقىڭلاردىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىدىغان كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.


پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن.


«7-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار.


بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.


ھېيتنىڭ 8-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.


شۇڭا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ئەزرا ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan