Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 28:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 «دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 28:9
12 Iomraidhean Croise  

ئېرى ئۇنىڭغا: _ يا يېڭى ئاي بايرىمى، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى. ئايالى: _ ھېچ ئىش يوق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى.


سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: «سىلى ئاتام داۋۇتنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېدىر دەرىخى ئەۋەتىپ بەرگەندەك، ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەيلا.


ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.


مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى پاك بىر خەلق قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى ئەھدىمىزنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا دەم ئېلىش كۈنىنى بەردىم.


پادىشاھ دەم ئېلىش كۈنى ماڭا ئاتاپ ئالتە تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن.


بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.»


گۇگۇم چۈشكەندە، پاقلان ھەدىيەسى قىلغان ۋاقتىدىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش ئاشلىق بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇلۇپ، ماڭا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.»


رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan