چۆلدە 28:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 بۇلار سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر. Faic an caibideil |
ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.