Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 28:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 28:10
16 Iomraidhean Croise  

ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇلار ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىلەردۇر.


مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايراملىرىدا، شۇنداقلا پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتى قاتارلىق ئۈچ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى.


بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار! سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر! سىلەر يېڭى ئاي، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر، لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم.


ھەر كۈنى ئەتىگىنى قىلىنىدىغان كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە ھېيت كۈنى قىلىنىدىغان قۇربانلىقلار قىلىنسۇن.


تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن،


«دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن.


گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى قۇربانلىقلار ۋە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار شۇنداقلا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.»


كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.


كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.


كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.


كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.


كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.


كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.


بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan