3 _ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى.
چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇ چۆلدە بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۇرغان بۇ پۈتۈن رەزىل خەلققە ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇلار بۇ چۆلدە ئۆز ئاخىرىتىنى كۆرىدۇ، بۇ جايدا ئۆلىدۇ».
كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى.
لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى.
خېفەرنىڭ ئوغلى زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى.
ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:
ئەجەبا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، بىراق تاپالمايسىلەر. شۇنداقلا، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، - دېدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، - دېدى.
گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى.
دېمەك، گۇناھ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئاپارغان بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كەلدى.
چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.