Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 27:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەگەر چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 27:11
7 Iomraidhean Croise  

كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.


ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن.


ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى باشقا قانداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.


ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بولمىسا، چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن.


بۇ، سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.


داۋۇت شۇ كۈندىن باشلاپ بۇنى ئىسرائىللارنىڭ قانۇن-تۈزۈمى قىلىپ بېكىتتى. بۇ قانۇن-تۈزۈم شۇنىڭدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan