54 ئادەم سانى كۆپلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئازلارغا ئازراق بەرگىن. تىزىملانغان ئادەم سانى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگىن.
_ سەن ھەر قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ، يەر تەقسىم قىلىپ بەرگىن.
_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق
ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر.
جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.»
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى.
يوشۇۋا يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ ئارتۇق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى، شۇڭا يەھۇدا قەبىلىسى شىمون قەبىلىسىگە ئۆز زېمىنىدىن يەر ئاجرىتىپ بەردى.