6 ئۇلار خۇددى بىپايان خورمىزارلىقلار، ساھىلدىكى باغلاردەك، خۇددى پەرۋەردىگار تېرىغان مۇئەتتەر دەرەخلىرىدەك، سۇ بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەكتۇر.
لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)
ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.
لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى، خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى.
ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ، شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ. پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى، يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى.
كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا، كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى، يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى.
مەن چۆللۈكلەرگە كېدىر دەرىخى، ئاكاتسىيە دەرىخى، مىرتا دەرىخى ۋە زەيتۇن دەرىخى تىكىمەن. مەن قۇملۇقلارغا قارىغاي دەرىخى، شەمشاد دەرىخى ۋە كىپارىسلارنى تىكىمەن.
ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.
مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.
دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ سۇ ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر ئايدا يېڭى مېۋە بېرىدۇ، مېۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. مېۋىلىرى ئوزۇق، يوپۇرماقلىرى شىپا بولىدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ. ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ، شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.
ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل! ئەي ئىسرائىللار، قارارگاھلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!