3 بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئام قىلغان سۆزدۇر، بۇ، كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر.
مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قويلاردەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق ئىكەن، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىغا ئامان-ئېسەن قايتسۇن».
مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.
ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى:
دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى.
بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئى بالاق، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.
بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى، ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن، ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى.
بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ سۆزى: كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر.
ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.
ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.