23 بىلئام يەنە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خۇدا بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، كىممۇ ھايات قالالايتتى؟
ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.
ئەمما ئۇ كەلگەندە، كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا، كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ.
ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.
ئەي قېنلار، سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئاسسۇرلارغا ئەسىر بولىسىلەر.»
سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ، ئاسسۇر بىلەن ئېبەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.»