Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 23:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم، ئېگىز تۆپىلىكلەردىن ئۇلارغا باقتىم. ئۇلار ئايرىم ياشايدىغان خەلقتۇر، ئۇلار ‹باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايمىز› دەپ ئويلايدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 23:9
15 Iomraidhean Croise  

ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.


ئاندىن ھامون پادىشاھ ئاخاشۋېروشقا: _ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيەمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيەمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر.


ئەگەر سەن بىزگە يار بولمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئىلتىپاتىڭغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى قانداق بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.


ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»


پەرۋەردىگار بابىلغا مۇنداق دېدى: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، سىلەر بېرىپ، تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاۋاتقان ئەلگە ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان بالداقلىق دەرۋازىلىرى يوقتۇر ھەم يەككە-يېگانەدۇر.


مەن ئەمر-پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى يات ئەللەرنىڭ ئارىسىدا دان تاسقىغاندەك تاسقايمەن. لېكىن غەلۋىرىمدىن بىر تال تاشمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى.


ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan