4 خۇدا بىلئامنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. بىلئام ئۇنىڭغا: _ مەن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، ھەربىرىگە بىر تۇياقتىن بۇقا، بىر تۇياقتىن قوچقار قۇربانلىق قىلدىم، _ دېدى.
شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى: _ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن.
خۇدا بىلئامدىن: _ بۇلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.
بىلئام بالاققا: _ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن.
ئاندىن بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.
پەرۋەردىگار بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، يەنە: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى.
«كېيىن كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارغا كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا ئازاب چەككەن بىزگە ئوخشاش ھەق بەردىڭىز!» دېيىشىپتۇ.
مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.
سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.
شۇنداق ئىكەن، بىز تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇق، دەپ ماختىنىمىزمۇ؟ ياق! بىزنىڭ ماختىنىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، ئىنسانلار تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.
سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەللەر بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق.