7 موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.
ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.
بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ. بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار، ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.
سىلەر بىرقانچە ئوچۇم ئارپا ۋە بىر بۇردا نان ئۈچۈن خەلقىم ئارىسىدا ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىسىلەر. يالغان سۆزگە خۇشتارلارغا يالغان سۆزلەيسىلەر. گۇناھسىز ئادەملەرنى نابۇت قىلىسىلەر، ئۆلۈمگە لايىق بولغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالىسىلەر.
بابىل پادىشاھى يولنىڭ ئايرىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئوقيانىڭ ئوقى ئارقىلىق پال سېلىپ، بۇتقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. مال ئۆلتۈرۈپ، جىگىرىگە قاراپمۇ پال سالىدۇ.
شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.
بىلئام ئۇلارغا: _ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى. موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى.
ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.
بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ،
بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.
مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا.
ئىسرائىل خەلقى ئۇرۇشتا بىئورنىڭ ئوغلى پالچى بىلئامنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى.
ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى.
بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.