Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 22:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 22:41
9 Iomraidhean Croise  

ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى.


ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى! مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان!


مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


يالقۇن خەشبوندىن چىقتى، سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى. موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ، ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى.


بالاق ئۇ يەردە كالا ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى.


بىلئام بالاققا: _ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.


بالاق مۇنداق دېدى: _ يۈرۈڭ، مەن بىلەن باشقا يەرگە بېرىڭ. ئۇ يەردىن باشقا ئىسرائىللارنى كۆرەلەيسىز. سىز شۇ يەردە مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاڭ.


سىلەر ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ ئەللەرنىڭ تاغلاردىكى، تۆپىلىكلەردىكى ۋە بۈك-باراقسان دەرەخ ئاستىلىرىدىكى ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان بارلىق يەرلىرىنى ۋەيران قىلىڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan