Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 22:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا: _ خۇددى كالىلار ئوتلاقتىكى ھەممە چۆپلەرنى يەۋەتكەندەك، بۇ بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر، _ دېيىشتى. بۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 22:4
13 Iomraidhean Croise  

ئۇلار مىسىرغا بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشقانىدى. ئۇلار مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشكەنىدى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇلارغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەنىدى.


ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر، موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار. كەنئانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،


موئاب زېمىنىدىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە كوچىلاردىن ھازا ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. چۈنكى مەن موئابنى ناچار ئىدىشنى چاققاندەك، چاقىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللارنىڭ ئامورلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى.


موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.


غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس. دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن، بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن. ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار، شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار.


مۇسا بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتاتتى. ئىسرائىللاردىن بىرى بىر مىديان ئايالنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.


پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:


بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.


سىلەر موئابلارنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقتىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلىپ باققانمىدى؟


ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan