21 بىلئام سەھەر تۇرۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، موئابنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى.
قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان.
ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى.
ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئېشىكىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بۇ «پەيغەمبەر»~نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى.