13 ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرىگە: _ سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بېرىشىمغا پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلمىدى، _ دېدى.
خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر.
موئابنىڭ ئەلچىلىرى قايتىپ بېرىپ، بالاققا: _ بىلئام بىز بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىدى، _ دېدى.
لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.