1 ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى.
موئاب، ئاممون، ئىدوم ۋە باشقا يەرلەردىكى بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر بابىل پادىشاھىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.
مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى.
لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.
بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى.
ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.
مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى موئابلارنىڭ زېمىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى ئىسرائىللارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
شۇنداق قىلىپ، بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھەر ئىككى ئامور پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالدۇق. ئارنون جىلغىسىدىن تاكى خەرمون تېغىغىچە بولغان يەرلەر بىزنىڭ بولدى.
مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى نىبو تېغىغا كېلىپ، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىسگاھ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا گىلئادتىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن زېمىننى،
ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىدە مۇساغا ئاتاپ ئوتتۇز كۈن قارىلىق تۇتتى. مۇساغا ئاتالغان ھازا كۈنلىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.
يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى.