Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 21:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 21:16
16 Iomraidhean Croise  

خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى روشەنلەشتۈردى، ئارقىدىنلا ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى.


مەن سىناي تېغىدىكى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىمەن. سەن قورام تاشنى ئۇرغىن، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغانىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى.


سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار.


پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.


چۆللۈكلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار ماڭا شۈكۈر ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىلبۆرە ۋە تۆگە قۇشلارمۇ بار. چۈنكى مەن چۆللۈكتە بۇلاقلارنى پەيدا قىلىمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن. بۇلاردىن مەن تاللىغان خەلقىم سۇ ئىچىدۇ.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


_ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى.


دىبون-گادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالمون-دىبلاتايىمدا قارارگاھ قۇردى.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.


ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.


ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.


ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


شۇنىڭدىن كېيىن، يوتەم ئاكىسى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى ۋە بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ ياشىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan