4 سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى بۇ چۆلگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ بىزنى ۋە ماللىرىمىزنى بۇ چۆلدە ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭلار؟
ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى، مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.
_ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى.
لېكىن خەلق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ بىزنى نېمە ئۈچۈن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ؟ سەن بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ _ دېدى.
_ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.
پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»
مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بار، ئۇ ۋاقىتتا بىكارلىق بېلىقنى خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى.
ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ، ئۇلارغا: _ مىسىردا ئۆلگەن بولساق، ياكى مۇشۇ چۆلدە ئۆلگەن بولساق ئوبدان بولار ئىكەندۇق.
لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.
مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى.
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزغىچە بولغان چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، كادېش شەھىرىگە كەلدى.