Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 20:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەل سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 20:13
11 Iomraidhean Croise  

قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ، مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم، مىرىبادا ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. سېلاھ


تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:


بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر، ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك، چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك.


مۇسا ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مىرىبا» [مەنىسى «سىناش» ۋە «جېدەللىشىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئۇ يەردە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.


بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ، مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.


سىلەرنى تارقىلىپ كەتكەن ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ ئەكەلگەندە، سىلەرنى خۇددى مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقتەك قوبۇل قىلىمەن. مەن يات خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن.


مەن ئەمدى باشقا ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان نامىمنىڭ قانچىلىك مۇقەددەسلىكىنى كۆرسىتىمەن. شۇندىلا ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئەي گوگ، سەن خۇددى قارا بۇلۇت زېمىنغا باستۇرۇپ كەلگەندەك خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى زېمىنىمغا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، شۇ ئارقىلىق مەن باشقا ئەللەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن.


ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار.


مۇسا لاۋىي قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ‹تۇممىم› ۋە ‹ئۇرىم›نى بەرگەنسەن ساداقەتمەن لاۋىيلارغا. ئۇلارنى سىنىدىڭ ماسساھتا، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ مىرىبا سۈيىدە.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan