Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 2:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 2:34
15 Iomraidhean Croise  

كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.


قالغان بارلىق ئىسرائىللار ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تۇغى ئاستىدا توپ-توپى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكسۇن.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.


ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى.


ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا شۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى.


_ ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان قەبىلىنىڭ تۇغى ۋە جەمەت بەلگىسىنىڭ ئاستىغا تىكسۇن.


لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدا لاۋىيلار رويخەتكە ئېلىنمىدى.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس، ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس. ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار.


تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى،


پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan