17 ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن.
ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.
لېكىن، ھەممە ئىش تەرتىپ-قائىدىلىك بولسۇن.
چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن.