Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 19:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 19:4
7 Iomraidhean Croise  

ئۇ بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قاپقاققا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە بىر قېتىم ۋە ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.


ئۇ يەنە بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىغا بارمىقىنى تەگكۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم چاچسۇن، شۇ ئارقىلىق قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ، مۇقەددەس قىلسۇن.


بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.


بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.


يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ.


خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan