22 ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»
پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ئەگەر كېسەل كىشى قولىنى سۇدا چايقىماي تۇرۇپ، باشقىلارنى تۇتۇپ سالسا، تۇتۇلغان كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ئۇنىڭ تۆشىكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ھەيز كۆرگەن ئايال ئولتۇرغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ھەيز كۆرگەن ئايالنىڭ تۆشىكىگە ياكى تۆشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە تېگىپ كەتكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
كېسەل كىشىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاكتۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تۈكۈرۈكى پاك كىشىگە چاچراپ كەتسە، پاك كىشى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ۋە ناپاك ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولغان ئادەم بولسۇن،
شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بويىنى سۇغا سالمىغۇچە، مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.
ئەگەر بىرسى مەيلى ياۋايى ھايۋان، مەيلى ئۆي ھايۋىنى بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، يەنىلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ.
ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن: _ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكلەرمۇ ناپاك بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. روھانىيلار: _ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.