چۆلدە 18:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. Faic an caibideil |
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.
ئۇنىڭدىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: «بىز سېنىڭ ئەمرلىرىڭ بويىچە ساڭا ئاتىغان ئۈلۈشىمىزنى ئائىلىمىزدىن ئېلىپ كېلىپ، لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللارغا تەقسىملەپ بەردۇق. بىز سېنىڭ ھەرقانداق ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلمىدۇق.