چۆلدە 16:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ Faic an caibideil |
ئۇ ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان سالدۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشۈڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار.
ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.