8 مۇسا يەنە كوراھقا مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!
ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا چوغ سېلىپ، ئىسرىق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا شۇ ئۇنىڭغا ئاتالغان بولىدۇ. سىلەر لاۋىيلار ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! _ دېدى.
ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟