7 ۋە بىر يېرىم لىتىر شارابنى ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ.
جامائەت ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى.
بىرىنچى قويغا بىر لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن قوشۇپ ئاتالسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر لىتىر شارابمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئاتالسۇن.
قوچقار قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر يېرىم لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن
قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇش ئۈچۈن بىر بۇقىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلغاندا،
_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق يېمەكلىك ھەدىيەلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا سۇنۇشقا دىققەت قىلسۇن.
ھەربىر قۇربانلىق قىلىنغان پاقلانغا قوشۇپ بىر لىتىر شاراب ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىنسۇن، بۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى ماڭا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلسۇن.
بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى.
بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.