Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 15:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتتىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار. بۇ قائىدىلەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇڭلار.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 15:21
8 Iomraidhean Croise  

لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىرگە بارىدۇ، ئاندىن لاۋىيلار يىغىلغان ئاشلىقلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.


ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىبادەت جايىمغا ئەكېلىپ، ماڭا، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئاتاڭلار. ئوغلاقنىڭ گۆشىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.»


بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ھەر قېتىم ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنغاندا، بۇلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشى بولىدۇ.


تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى ۋە باشقا بېكىتىلگەن ھەر خىل ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار روھانىيلارغا تەۋەدۇر. سىلەر تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئۇنىنى روھانىيلارغا ئاتاڭلار. شۇندىلا ئائىلەڭلار بەرىكەت تاپىدۇ.


ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.»


دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتنىڭ ئۇنىدىن توقاچ پىشۇرۇپ، خاماندىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.


«ئەگەر سىلەر ھازىر ياكى كەلگۈسىدە مەن پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمرلەرنى بىلمەي، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ سالساڭلار


_ سەن لاۋىيلارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەي لاۋىيلار، سىلەر مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش نېسىۋەڭلارنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ماڭا ھەدىيە قىلىڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan