13 ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان ھەربىر ئادەم مەن پەرۋەردىگارغا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق كۆيدۈرگەندە، مانا مۇشۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسۇن.
قۇربانلىق قىلىنغان چارۋا مالنىڭ تۈرى ۋە سانىنىڭ نىسبىتى بويىچە قوشۇمچە ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.
ئاراڭلاردا ياشاپ كەلگەن ياكى ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن.