چۆلدە 14:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى. Faic an caibideil |
ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.
لېكىن سىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. سىلەر پەقەت ئورنۇڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر قورقماڭلار، بوشىشىپ كەتمەڭلار، ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.»
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.