44 شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاغلىق رايونلارغا چىقىپ كېتىشتى. لېكىن مۇسا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قارارگاھتا قالدى.
مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى خەلققە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇلار كىبىرلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، تاغلىق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى.
مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى.
ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى.
ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردە سىلەرگە قارشى چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىسىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولمايدۇ، _ دېدى.