25 قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇلار كەنئان زېمىنىنى چارلاشتىن قايتىپ كەلدى.
مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. ئۇ جەرياندا ئۇ ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدە سۆزلىرىنى، يەنى ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.
ئىسرائىللار ئۇ يەردىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەر ئەشكول جىلغىسى [مەنىسى «ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»] دەپ ئاتالدى.
ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى