2 _ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.
ئۇ پۈتۈن ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى.
ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.
بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.
ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.
ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن.
شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم.
پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى.
سىلەر ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار.