12 مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.
نېمىشقا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، تېخى قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھامىلىدەك يوقالمىغاندىمەن؟
ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك، كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك.
ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى خۇدا، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگەيسەن! _ دېدى.
سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى.
لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان تۇل ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھىي جەھەتتە بەرىبىر ئۆلگەنگە ھېساب.