چۆلدە 11:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى. Faic an caibideil |
مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.