Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 11:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 11:21
9 Iomraidhean Croise  

«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.


ئىسرائىللار رەمسېس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان ۋاقتىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى.


نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر جەمئىي 603,550 نەپەر بولۇپ، مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەربىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گىرامغا توغرا كېلەتتى.


جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى.


ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرىدۇ. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟


پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»


ئۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي، كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى.


بۇلار جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللار بولۇپ، ھەرقايسى قارارگاھتىكى رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىنىڭ سانى 603,550كە يەتكەنىدى.


ئىسرائىللاردىن رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan