Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




چۆلدە 11:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 سەن خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئەتە گۆش يېيىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار. سىلەرنىڭ ‹كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ مىسىردا پاراۋان ياشىغانىدۇق!› دەپ ۋايساشلىرىڭلار مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە گۆش بېرىمەن، ئۇنى چوقۇم يەيسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




چۆلدە 11:18
16 Iomraidhean Croise  

بۇ چاغدا ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقانلارغا: _ سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، پاكىز كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار.


ئاستا-ئاستا شۈمۈپ، تەمىنى تېتىيدۇ.


ئۇ ئۆز قورسىقىنى تويدۇرغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپ ئوتىنى چاچىدۇ، ئۈستىگە زەربىلىرىنى ياغدۇرىدۇ.


دەرۋەقە، ئۇ ئۇرۇۋىدى تاشنى، سۇلار بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى. «ئەمدى ئۇ بىزگە نان بىلەن گۆشنى بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى.


پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇلار بۈگۈن ۋە ئەتە كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن.


مۇسا ئۇلارغا: _ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممىڭلار تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار، ئايالىڭلارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.


مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.


خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.


بىر-ئىككى كۈن ئەمەس، ياكى بەش-ئون كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس،


شۇنداق بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز مۇسا پەيغەمبەرنىڭ گېپىگە كىرمەي، ئۇنى رەت قىلىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى.


ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دە.


ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan