7 جامائەتنى يىغىشقا توغرا كەلسە ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن.
سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.
بۇ ئىككى كاناينى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار چالسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار.