21 ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.
ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللىغاندۇر.
مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەتكە قويۇلغانىدى.
ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن.
بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھاتلار قەتئىي كىرىپ كۆرمىسۇن! كىرسە، ئۆلىدۇ.
بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.